ياردەم
بىلوگ (شەخسى تور بەت) كە قانداق ئىرىشىمەن؟
بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ بىر ئىلخىتىڭىز بۇلىشى كېرەك ،بولمىسا ئەنسىرمەڭ ،،بىز سىزگە قانداق ئىلخەت ئېلىشنى ئۆگۈتۈپ قۇيىمىز.
بولسا بىۋاستا تىزىملىتىشنى بېسىڭ .
خەت ساندۇقى ئېلىش :

سىز http://www.126.com/ قا كىرىڭ .ئۇنىڭدىن باشقا 163 ئىلخىتى بولىسمۇ بولىۋېرىدۇ .
ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئوتتۇردىكى دەرھال
تىزىملىتىش دىگەننى باسىسىز،ئاندىن چىققان بەتتىكى بوش ئۇرۇنلارنى مۇنداق تولدۇرىسىز.


ئەگەر بۇ نامىنى بىرسى تىزىملىتىپ بولغان بولسا ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ،بۇ ۋاقىتتاباشقا نامنى ئىشلەتىسڭىز بولىۋېرىدۇ.باشقا نامنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن 下一步نى بېسىپ كىيىنكى بەتكە ئۆتسەك بولىدۇ .



بۇ بەتتىكى 密 码ۋە 请再次输入密码 نى ئوخشاش كىرگۈزىمىز،يۇلتۇز بەلگىسى بار يەرلەرنى تۇلۇق تولدۇرىمىز ،سىز ئۇقمايدىغىنى مۇشۇ يەردىكى خەنزۇچە خەت بۇلىشى مۇمكىن ،بۇنى ئەتراپىڭىزدىكى ئۇقىدىغانلاردىن سورىسىڭىز بولىدۇ ،ئاخىردا下一步نى بېسىپ مەشغۇلاتنى ئاخرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ .


بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئىلخىتىڭىز قۇرلۇپ بولغان بولىدۇ ،ئاندىن سىز چىققان بەتتىكى 进入邮箱 نى بېسىپ مەشغۇلاتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خەت ساندۇقىغا كىرسىڭىز بولىدۇ .


ئەمدى ئىلخەت تەييار بولدى .
2.بىلوگقا ئېرىشىش:
سىز باش بەتتىكى تىزىملىتىشنى بېسىڭ .ياكى بىۋاستە http://uztor.com/wp-signup.php
گە كىرىڭ .

نامى دىگەن ئۇرۇنغا بېكىتىڭىزنىڭ ئادرىسىنى يىزىڭ .
مەسلەن :
سىز تور بېتىڭىزنىڭ نامىنى سەلكىن دەپ قويماقچى بولىڭىسزيەنى http://salkin.uztor.com/ شەكىلدە ئۇنداق بولسا ئۇ يەرگە salkin دەپ يىزىڭ .
دىققەت : بۇ نام تور بېتڭىزنىڭ زىيارەت ئادرىسى بولىدۇ ،شۇڭا ئىخچام باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان ناملانى ئىشلىتىڭ ،bilik;xabnam,ulinix دىگەندەك.
ئاستىدىكى ئىلخەتكە باياتىن بىز ئىلتىماس قىلىپ ئالغان ئىلخەت ساندۇقىنى يىزىڭ .
ئاندىن كىينكى دىگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز كىينكى بەتكە ئۈتىدۇ ،بۇ يەردە سىز ئۈزىڭىز ئالغان نامنى كۈرالايسىز ،يەنى sinakkilix.uztor.com دىگەندەك ،سىز باشقا يەرگە چېقىلماي ئۇنىڭ ئاستىدىكى بىلوگ تېمىسى دىگەن يەرگە بىلوگىڭىزنىڭ باش بەت ئەڭ ئۈستىگە چىقىدىغان تېمىسىنى يازىسىز ،باشقا قانداقلا گەپ يازسىڭىز بولىۋېرىدۇ ،چۈنكى بۇ يەرنى كىيىن ئارقا سەھنىدىن ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
ئاندىن ئاستىدىكى تىزىملاشنى باسسىڭىز بىر ئەسكەرتمە چىقىپ بىر پارچە نام ۋە پارول بار ئىلخەت سىزنىڭ باياتىنقى ئىلخىتىڭىزگە ئەۋەرتىلىدۇ .بۇ ئىلخەتنى كۆپىنچە ۋاقىتتا شۇ ھامانلا تاپشۇرۋالىسىز .
دىققەت:
ئىلخەت چۇقۇم خەت تاپشۇرۋالىدىغان ئىلخەت بۇلىشى كېرەك ،تولدۇرغاندىمۇ چۇقۇم توغرا تولدۇرۇڭ .
ئەمدى باياتىنقى ئىلخەتكە قاراپ باقايلى .ئىلخەتتە ئىككى پارچە ئىلخەت بار دەپ كۈرۈندى .بىز ئۇنى ئاچايلى ،


ئۇنىڭدىكى ئۆز تور دەپ ئويغۇرچە خەت بار ئىلخەتنى ئاچساق ئۇنىڭدا بىلوگنى ئاكتىلاشتۇرۇش ئۈچۈن،تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ دەپ بىر ئۇلانما كۈرۈندى ،

بىز شۇ ئۇلانمىنى كۈچۈرۈپ كۆز يۈگۈرۈتكۈچنىڭ ئادرىس رامسىكىغا چاپلاپ ئېنتېرنى باسساق باشقۇرۇش نامى ،ناشقۇرۇش پارولى بار بەت ئېچىلىدۇ ،سىز بۇلارنى خاتىرە دەپتەرگە كۈچۈرۈۋېلىپ ئاستىدىكى بېكەتكە كىرىڭ دىگەن يەرنى باسسىڭىز ئارقا بەتكە كىرىش ئورنى كۈرۈنىدۇ ،بۇ يەرگە سىز باياتىن كۈۋۈرۋالغان نام بىلەن پارولىنى كىرگۈزسىڭىزياكى باش بەتتىكى بېكەت باشقۇرۇش دىگەننى باسسىڭىزمۇ كونتىرول مەركىزىگە كىرىسىز






بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بىرىنچى بۇلۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز بېكەت باشقۇرۇش پارولىنى ئۆزگەرتىش بولىدۇ.
ئۆزگەرتىش جەريانى مۇنداق :
سىز قوللانچىلاردىگەن تۈرنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن قوللانچى نامىڭىزنىڭ ئاستىدىكى تەھرىرىلەشنى بېسىڭ.بۇ چاغدا سىزنىڭ شەخسى ماترىيالىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئورنى كۈرىنىدۇ ،بۇنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى يېڭى پارول دىگەن ئۇرۇنغا ئىككى قېتىم يېڭىدىن ئىشلەتمەكچى بولغان پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپ ئەڭ ئاستىدىكى ئارخىپنى يېڭىلاشنى باسسىڭىز يېڭى پارول كۈچكە ئىگە بولىدۇ ،ئەگەر پارولنى كىيىن ئۇنتۇپ قالسىڭىز باش بەتتكى تىزىملىتىش رامكىسىنىڭ ئاستىدىكى پارولنى قايتۇرۋېلىش دىگەن يەرنى چىكىپ تەرتىپ بۇيىچە مەشغۇلات قىلىسىڭىز تىزلا پارولنى قايتۇرۋالىسىز ،



3.خەت نۇسخىسنى تۇنۇتۇش :
ئەڭ ئاخىردا بۇ يەرگە سۆزقالدۇرۇپ سۇپا باشقۇرغۇچىدىن بېكىتىڭىزنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى ،بېكىتىڭىزگە خەت نۇسخىسىنى تۇنۇتۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىسڭىز كىچىككەندە12سائەت ئىچىدە بېكىتىڭىز تۇلۇق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تۇنۇش ھالىتىگە كىلىدۇ .خەت نۇسخىسى تۇنۇپ بولغۇچە باشقا تەڭشەكلەرنى ئىشلەپ تۇرسىڭىز ياكى يازما يوللاپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.
سىز بېكىتڭىزنىڭ ئاساسى تەڭشەش ئورنىنى بىلىۋېلىڭ ،بۇ تەڭشەش ئورنى كۆپ ئەمەس.
4.ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش:
ئۇسلۇبلارنى كۈرۈنمىلەرنى ئېچىپ شۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇسلۇبىنى باسسىڭىز شۇ يەردە نۇرغۇن ئۇسلۇبلار بار(ئۇسلۇبلار داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ يوللىنىلىدۇ ،سىزمۇ ئۈزىڭىزگە ماس كەلگەن ئۇسلۇبلار بولسا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ)،شۇ ئۇسلۇبىنى چىكىپ چىققان ئەسكەرتىش رامىكىسنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ئۇسلۇبنى قوزغۇتۇش(ئىشلىتىش)نى باسسىڭىزلا بېكىتڭىزنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىرىدۇ.
5.يېڭى بەت قۇشۇش:
بۇ دىگەنلىك بېكىتڭىزنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى بىر قاتار مۇقىم ئۇلانمىلارنى كۆرسىتىدۇ ،
مەسلەن : ھەمكارلىشىڭ،ياردەم دىگەندەك.
6.يازمىلار:
تۈرلەر
بۇ تۈر سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ،چۈنكى بېكىتڭىزنىڭ يازمىللىرىغا ئۈچۈن ئالبۇم ،ماقال ،تەنتەربىيە …دىگەندەك تۈرنى قۇرۇپ بۇلۇپ ئاندىن كىيىن يازما يازمىسڭىز كىيىنچە يازمىللىرىڭىزنى تېپىشمۇ تەسلىشىدۇ،شۇنداقلا ئىنتايىن قالايمىقان بىر بېكەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
خەتكۈچلەر :
بۇئۇرۇنغا خەتكۈچ قۇشۇش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى تىزلىكتە تاپقىلى بولىدۇ ،مەسلەن : بېكىتڭىز كۈڭۈل ئېچىش تورى بولسا چۇقۇم ئۇنىڭغا رەسىم ،ئۇيۇن ،ناخشا ،..دىگەندەك خەتكۈچلەرنى قۇشۇش كېرەك.
6.يازما يىزىش
تەھرىرلەش:
يوللىنىپ بولغان يازمىلارنى تەھرىرلەشكە ئىشلىتىسىز.
يازما يوللاش:
يېڭىدىن يىزىش دىگەن تۈرنى بېسىپ يىزىش ھالىتىگە ئۈتىسىز ،تۇلۇق يىزىپ بولغاندىن كىين سول تەرەپتىكى كوپپىيەنى ساقلاش نى باسسىڭىز ئۇ ئېلان قىلىنماي ساقلىنىپ تۇرىدۇ ،كۈرۈپ بېقىشنى باسسىڭىز ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىكى ھالىتىنى كۈرۈشكە بولىدۇ.
ئېلان قىلىشنى باسسىڭىز رەسمى يوللىنىپ باش بەتكە چىقىدۇ .
7.مىدىيا :
بۇ تۈر كۆپ ۋاستە يوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.يەنى رەسىم ناخشا مۇزىكا دىگەندەك .
8.ئۇلانمىلار :
بۇ تۈردە سىزبېكىتڭىزگە دوستانە ئۇلىنىش تۈرى ۋە دوستانە ئۇلىنىش قۇشالايسىز.
9.ئىنكاسلار :
بۇ باشقىلارنىڭ بەرگەن ئىنكاسى ۋە باھا سۆزىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.