بېكەت ھەققىدە
ۋوردپرەس (ئىنگىلىزچە WordPress) بولسا گۈزەللىك، تور ئۆلچىمى ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن ھالدا تۈزۈلگەن شەخسىي ئۇچۇر نەشرىيات سۇپىسى. ئۇ ئۆزى ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ۋوردپرەس ئارقىلىق مۇكەممەل تور بەت قۇرغىلى بولىدۇ. ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى شەخسىي بلوگ ياساشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.
سىز كۈرىۋاتقان ئۆزتور بىلوگ سۇپىسى دەل مۇشۇ ۋوردپرسنى ئىشلتىپ ياسالغان تۇنجى ئۇيغۇرچە ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى (*.uztor.com) نى قوللايدىغان كۆپ ئەزالىق شەخسى تور بەت سۇپىسى بۇلۇپ ئىشلتىىش ھەقىقەتەن قولايلىق ،سىز بۇ يەردە ئۆزگىچە تور نامىغا ،ئۆزگىچە شەخسى تور بەتكە ئىگە بۇلىسىز .
مەسلەن :
دىگەندەك ،بۇنداق بولغاندا كىرىش باشقۇرۇش ئىنتايىن قولايلىقلىشىپ كىتىدۇ ،مۇرەككەپ،تۇتىۋېلىش قىيىن تور ئادرىسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلىسىز دىگەن گەپ .ئەگەر ئۈزىڭىزنىڭ تور نامى بولسا شۇنىڭغا ئۇلاپ بېرىمىز.
ئۇسلۇب مەسلىسىگە كەلسەك ئۇسلۇبنىڭ كۆپلىكىگە ھەيران قالسىز،ئۇسلۇبنىڭ كۆپلىگىدە دۇنيادا بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ ،ھەتتا بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان blogbusبىلوگ سۇپىسىمۇ دەل مۇشۇ سېستىمىنىڭ كۆپلىگەن ئۇسلۇبلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتمەكتە .
بىز چامىمىزنىڭ يىتىشىچە ھەر خىل ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلىرىنى سىزگە ھەقسىز تەمىنلەيمىز ،كۆڭلىڭىزگە ياققان ئۇسلۇبلار بولسا ئۈزىنىڭ تەرجىمە قىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ،تەرجىمە قىلىشنى بىلمىسىڭىز بېكىتمىزنىڭ "ياردەم"قانىلىدا سىزنى رازى قىلغۇدەك تەرجىمە قىلىش دەرسلىگى بار.شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىپ بىزگە ئەۋەرتىپ بەرسىڭىز بۇنى بىز سىزگە ئىشلەتكۈدەك قىلىپ تەڭشەپ بېرىمىز.تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبىڭىزنى ھەرگىز سىزدىن رۇخسەتسىز باشقا ئەزالارنىڭ ئىشلىتىشگە يول قويمايمىز .بۇنىڭىدىن خاتىرجەم بۇلۇڭ .يەنەمۇنەۋەر تەرجىمە ئۇسلۇبلىرىنى قەرەللىك مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارمىز.
ھەر خىل يازمىلارنى يوللاش ئىنتايىن قولايلىق ،بىز بۇ سېستىمىنىڭ ئەسلىدىكى تەھرىرلىگۈچىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ رەسىم ،فىلىم ،ناخشا مۇزىكا ،يۇمشاق دىتاللارنى يوللاش مۇلازىمىتىنى سىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھەقسىز ئېچىۋەتتۇق .
لىكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى چۇقۇم قانۇنلۇق ماترىياللانى يوللىسىڭىز بولىدۇ،بۇنداق بولغاندا خاتىرجەم ئىشلىتەلەيسىز ،بولمىسا بىلوگىڭىز شەرتسىز تاقىلىدۇ ،تەسىرى يامان بولسا ئارخىپ (IP,email)ىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىلىدۇ .
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا تەكلىپ پىكىر بولسا تەكلىپ پىكىر قانىلىغا سۆز قالدۇرۇڭ.
قېنى، سىزمۇ ۋوردپرەسنى ئىشلىتىپ ئۆز تور بېتىڭىزنى ياساپ كۆرۈپ بېقىڭ.